[00:00.000] 作词 : Mirzat [00:01.000] 作曲 : Mirzat [00:02.000] 编曲 : Mirzat [00:22.623]بۈگۈن كېچە نېمە ئۈچۈن تىڭشىغۇچنى قۇلاققا ئاستىڭ [00:25.385]يول چىراغلىرى ئۆچۈپ بولغىچە كۆزدە ئۇيقۇ يوق ياتتىڭ [00:28.388]يۇلتۇز بىلەن ئايغا قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتىڭ [00:31.151]ئەتىنىڭ كېلىشىگە تەلمۈرىمەن دەپ تاماكاڭنى ئاچچىق تاتتىڭ [00:33.912]قانداق داۋالايسەن بۇرۇنقى ئاشۇ يارىنى [00:36.672]پۇلدىن باشقا نەرسىنىڭ قالمىدى ھېچ بىر تايىنى [00:39.677]كىشىلىك مۇناسىۋەتنى دەپ ئاتايسەن ئۆزۈڭدە بارىنى [00:42.435]چۈشەنمەيدۇ ئەكسىچە چاپلايدۇ ساڭا قارىنى [00:45.186]نېمە ئۈچۈن بىر ناخشىنى قايتا قايتا ئاڭلايسەن [00:48.207]ساڭا يامانلىق قىلغانلاردىن نېمىشقا ئۆزۈڭنى تارتمايسەن [00:50.956]باتنايسەن يەنىلا دەردىگە دەردىڭنى قاتمايسەن [00:53.473]چاتمايسەن غەيۋەتلەرگە ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئالدايسەن [00:56.723]ئويلىغانلىرىڭنى ئىپادىلەشكە ئىقتىدارىڭ يېتىدۇ [00:59.229]لېكىن يەنىلا بەزىدە سۈكۈت قىلىشنى تاللايسەن [01:02.244]كەڭ قورساقلىق ياخشى لېكىن ئۇنۇتما ئۆزۈڭنى قەدىرلە [01:05.006]كەمچىللىكنى قوبۇل قىل يۈزسىزلىكنى كەچۈرمە [01:08.009]جاندىن ئەزىز كۆرگەنلىرىڭ دائىم ساڭا خىيانەتتە [01:10.770]يۈز ئۆرۈش دېگەن ئۇلار ئۈچۈن سەن ئۆتكۈزگەن جىنايەتتە [01:13.518]ئەمما دەيسەن ھېچقىسى يوق چاندۇرمىغان قىياپەتتە [01:16.280]كېچىسى قولۇڭدا رومكا يالغۇز كىشىلىك زىياپەتتە [01:30.316]ئەتراپىڭدا نۇرغۇن ئىدى نىقاپ ئاسقان تۈلكىلەر [01:33.336]تىرىشىشقا سەۋەب ئىدى مەسخىرە ئارىلاش كۈلكىلەر [01:36.091]چەتكە تارتسا ئۆزىنى سەن ئىزدىمىگەن ئەيىب بولىدۇ [01:38.847]پىسەنت قىلما قىزارتسا كۆزىنى روھىيتىڭ زەئىپ بولىدۇ [01:41.853]تۆت بەش دوستۇڭ ئارىسىدا ئاۋازغا ئاۋازنى قاتىتىڭ [01:44.608]ئەمما ئۇلاردىن ئىنكاس يوق تېلېفونغا قاراپ قاتىتىڭ [01:47.369]كاللا ئوينىغان يېقىنغىمۇ مېھرىڭ بىلەن باقىتىڭ [01:50.130]ساختا مېھىر يالغان كۈلكىگە قاچان توشار تاقىتىڭ [01:53.136]ئۇلار ئۈچۈن بولسا بولمىساڭ كېچە كېچە بولىۋېرىدۇ [01:56.142]ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىگە شەبنەم ئاق سۆيۈشتەك تولىۋېرىدۇ [01:58.657]ساڭا مەنسۇپ بولمىغان كۈلكە لەۋلىرىڭدىن ئۆچۈۋېرىدۇ [02:01.665]يىغلىساڭمۇ بەرىبىر ھەممە سەندىن تىمتاس تېنىۋېرىدۇ [02:04.424]جاندىن ئەزىز كۆرگەنلىرىڭ دائىم ساڭا خىيانەتتە [02:07.172]يۈز ئۆرۈش دېگەن ئۇلار ئۈچۈن سەن ئۆتكۈزگەن جىنايەتتە [02:09.929]ئەمما دەيسەن ھېچقىسى يوق چاندۇرمىغان قىياپەتتە [02:12.937]كېچىسى قولۇڭدا رومكا يالغۇز كىشىلىك زىياپەتتە [02:15.697]بۈگۈن كېچە نېمە ئۈچۈن تىڭشىغۇچنى قۇلاققا ئاستىڭ [02:18.459]يول چىراغلىرى ئۆچۈپ بولغىچە كۆزدە ئۇيقۇ يوق ياتتىڭ [02:21.222]يۇلتۇز بىلەن ئايغا قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتىڭ [02:24.228]ئەتىنىڭ كېلىشىگە تەلمۈرىمەن دەپ تاماكاڭنى ئاچچىق تارتتىڭ